[1] ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا، ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى، خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.
[2] ئاسماندىكى قۇشلارغا يەم قىلدى ئۇلار، قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى. تاشلاپ بەردى دالادىكى ھايۋانلارغا، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى.
[3] يېرۇسالېمدا دەريا قىلىپ ئېقىتتى ئۇلار، خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى. بىرەر تىرىك جاننىمۇ قالدۇرمىدى ھەتتا، كۆمگىلى جەسەتلىرىنى.
[4] ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ، مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ.
[5] ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟
[6] قەھرىڭنى چاچ سېنى تونۇمىغان ئەللەرگە، ۋە ساڭا ئېتىقاد قىلمىغان سەلتەنەتلەرگە.
[7] چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى، خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى.
[8] بىزدىن ئالما سورىقىنى گۇناھ قىلسا ئەجدادىمىز، بىزگە تېزراق رەھىم قىلغىن، بەكمۇ ناچار چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.
[9] ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار، شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ، بولغىن بىزگە مەدەتكار. كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى، نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.
[10] «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.
[11] ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغايسەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن.
[12] ئى ئىگەم، ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى قوشنا ئەللەرنىڭ، يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە بەر ئۇلارنىڭ.
[13] بىز سېنىڭ ئۆز قوۋمىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز، ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز، مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز.