Skip to content
Opens in a new window

[1] بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ

[2] ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ، بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ.

[3] مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر.

[4] بارچە ئەلنى بىر ئۆزۈڭ يېتەكلەيسەن ئى خۇدا، ھەم ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن ئى خۇدا، شۇڭا بارلىق ئىنسانلار شادلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاي ساڭا. سېلاھ

[5] مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر.

[6] يەر-زېمىندىن ئالدۇق ھوسۇلنى، خۇدايىمىز بەختىيار قىلدى بىزنى.

[7] خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.

زەبۇر — Chapters