[1] كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى.
[2] يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن، پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟
[3] خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك، يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك، ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك.
[4] كۆڭلۈم مېنىڭ ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر، ھەمدە ھەممە رەزىللىكتىن يىراقتۇر.
[5] باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ، كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ.
[6] كىم ئەرشتىكى خۇداغا سادىق بولسا، ئۇلارغا ئۆز ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن. توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى مېنىڭ خىزمىتىمگە قويىمەن.
[7] ھىيلىگەرلەرگە ئوردامدا ئورۇن يوقتۇر، يالغانچىلار ھۇزۇرۇمدا بولالماستۇر.
[8] زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە، بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە.