[1] ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.
[2] خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.
[3] مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.
[4] چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر، كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.
[5] شادلانسۇن بۇ شۆھرەتتىن سادىق بولغانلار خۇداغا، ئېيتسۇن ناخشا خۇشاللىقتىن ئورۇنلىرىدا ياتقاندا.
[6] چۈشۈرمەس ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئۇلۇغلاشنى خۇدانى، چۈشۈرمەس ئۇلار قوللىرىدىن قوش بىسلىق قىلىچلىرىنى.
[7] ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى، بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى،
[8] زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى، تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.
[9] ئىجرا قىلار پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى ئۇلارغا، مەنسۇپتۇر بۇ شەرەپ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا. ئوقۇڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا.