[1] ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا». يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى، ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا.
[2] پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر، خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر.
[3] ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان، بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.
[4] چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.
[5] ھەققانىيلار بىلەن بىرگە بولغاچ خۇدا، ئەخمەقلەرنى ۋەھىمە باسماقتا مانا.
[6] يوقاتماقچىمۇسىلەر ئارزۇلىرىنى ئېزىلگەنلەرنىڭ؟! ئەمما پەرۋەردىگار پاناھىدۇر ئۇلارنىڭ.
[7] ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى! پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى، شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150