Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى، ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى.

[2] توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن، تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن.

[3] ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ گەرچە ئۇلار تىللىرىنى، چىقارمىغان بولسىمۇ گەرچە ئۇلار ئۈنلىرىنى.

[4] تىۋىشلىرى يېيىلىپ كەتكەن تامام يەر يۈزىگە، خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە. قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىككەندۇر خۇدا ئاسمانغا،

[5] چىقار ئۇندىن قۇياش ئوخشاپ تويى بولغان ئوغۇلغا. شادلىنار ئۇ ئوخشاپ گويا يۈگۈرۈشكە چىققان پالۋانغا.

[6] ئۆرلىسە ئۇ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن، بارار چۆرگۈلەپ يەنە بىر چېتىگىچە، قاچالماس ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ھارارىتىدىن.

[7] مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى.

[8] توغرىدۇر پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى، شادلاندۇرار قەلبلەرنى. ئوچۇقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى، روشەن قىلار كۆزلەرنى.

[9] پاكلىقتۇر ئىخلاس قىلىش پەرۋەردىگارغا، ئىخلاسمەنلىك داۋاملىشار ئەبەدىيگە. بەرھەقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى، ئادىللىق سىڭگەندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە.

[10] قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن.

[11] شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرار مەن بەندەڭنى، چىڭ تۇرغۇچى بۇلاردا ئالار كاتتا ئىنئامىنى.

[12] كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.

[13] ساقلىغايسەن بەندەڭنى بىلىپ گۇناھ قىلىشتىن، ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاي گۇناھ مېنىڭ ئۈستۈمدىن. ئەيىبسىز بولۇرمەن مەن شۇندىلا، ساقلىنىمەن قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ.

[14] ئى پەرۋەردىگار، قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىم، خۇش قىلغاي سېنى سۆزلىرىم ۋە خىياللىرىم.

زەبۇر — Chapters