Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! مەدھىيەلەڭلار ئەرشتىكىلەر خۇدانى، مەدھىيەلەڭلار ئاسمان-پەلەكتە ئۇنى.

[2] مەدھىيەلەڭلار پەرىشتىلەر خۇدانى، ئەي ساماۋى قوشۇنلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى.

[3] ئاي ۋە قۇياش، جىمى پارلاق يۇلتۇزلار، ئەرشئەلا ۋە كۆكتىكى ئەي سۇلار، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى ھەممىڭلار.

[5] مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇ ئەمرى بىلەن ياراتقان ئۇلارنى.

[6] پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى، بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى.

[7] مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلار، ئەي چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلار.

[8] مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.

[9] مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي تاغ ۋە تۆپىلىكلەر، كېدىر دەرەخلىرى يەنە مېۋىلىك دەرەخلەر.

[10] مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار، ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار.

[11] مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر.

[12] مەدھىيەلەڭلار ئۇنى يىگىتلەر شۇنداقلا قىزلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي ياشانغانلار ھەم ياشلار.

[13] مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى، ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.

[14] ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار، مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _ خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

زەبۇر — Chapters