Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ شاپائەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ھەممە «ئىلاھلار» دىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[3] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق ھۆكۈمدارلاردىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[4] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، پەقەتلا ئۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[5] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[6] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[7] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ يورۇقلۇق تارقاتقۇچى جىسىملارنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[8] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈندۈزى پارلايدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[9] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[10] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، مىسىردا تۇنجى توغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[11] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[12] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[13] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىككىگە بۆلگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[14] پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دېڭىزنى يېرىپ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ چىققۇچىدۇر. ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[15] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[16] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[17] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كاتتا پادىشاھلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[18] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈچلۈك پادىشاھلارنى ھالاك قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[19] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[20] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ باشان پادىشاھى ئوگنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر،

[21] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قوۋمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[22] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قۇللىرى ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[23] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[24] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قوغدىغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[25] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

[26] ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

زەبۇر — Chapters