Skip to content
Opens in a new window

[1] كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا، شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

[2] چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا، مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

[3] يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.

[4] بۇ ئىسرائىللارغا چۈشكەن بىر پەرماندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ھۆكۈمىدۇر.

[5] يۈسۈپ نەسلىنى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر. مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم، قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.

[7] قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ، مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم، مىرىبادا ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. سېلاھ

[8] تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:

[9] زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار، ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار.

[10] سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن. ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار، بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.

[11] بىراق خەلقىم سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى، ئىسرائىل خەلقى ماڭا بويسۇنمىدى.

[12] شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا، مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.

[13] خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى، ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.

[14] دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم، رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇيار ئىدىم.

[15] شۇندا، ماڭا ئۆچمەنلەر قورقۇپ بويسۇنار ئىدى، ئۇلار ھەمىشە شەرمەندىلىكتە قالار ئىدى.

[16] سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم، تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»

زەبۇر — Chapters