Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.

[2] ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى.

[3] ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن، غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن. بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن، ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن، چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن.

[4] ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن، ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن.

[5] ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى، قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى.

[6] ئىشەنچىم يوقتۇر ئۆز ئوقيايىمغا، شەمشىرىم ئېرىشتۈرەلمەس مېنى ئۇتۇققا.

[7] غەلىبە قىلغۇزدۇڭ رەقىبلىرىمىز ئۈستىدىن بىزنى، شەرمەندە قىلدىڭ بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەرنى.

[8] ھەر دائىم پەخىرلىنىپ تەرىپلەيمىز سېنى، ئى خۇدا ئەبەدىي مەدھىيەلەيمىز نامىڭنى. سېلاھ

[9] بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە، چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە.

[10] مەغلۇپ قىلدىڭ بىزنى رەقىبلىرىمىز ئالدىدا، بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەر بۇلىدى بىزنى شۇ ھالدا.

[11] بىزنى قوي كەبى تۇتۇپ بەردىڭ بوغۇزلاشقا ئۇلارغا، چېچىۋەتتىڭ بىزنى ھەم يات خەلقلەر ئارىسىغا.

[12] ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى، قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى.

[13] قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە.

[14] يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى، مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى.

[15] نومۇسقا قالغانلىقىم تۇرار كۆز ئالدىمدا، شەرمەندىچىلىك باردۇر مېنىڭ بوينۇمدا. چۈنكى رەقىبلەر ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تىل-ئاھانەتلىرى دائىم يېتەر قۇلىقىمغا.

[17] بېشىمىزغا چۈشتى بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنتۇمىغان بولساقمۇ گەرچە سېنى، ياكى بۇزمىغان بولساقمۇ ئەھدەڭنى.

[18] سەن نۇسرەت ئاتا قىلماي ئەزدىڭ بىزنى، خارابىدە ياردەمچىسىز قالدۇردۇڭ خەلقىڭنى. گەرچە قايتمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز، چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز.

[20] ئەگەر بىز ئىگىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، قول كۆتۈرۈپ يات ئىلاھقا دۇئا قىلغان بولساق،

[21] ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.

[22] ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.

[23] ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟ تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا!

[24] نېمىشقا يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى، نېمىشقا كۆرمەيسەن ئېزىلىش، كۈلپەتلىرىمىزنى؟

[25] پايخان بولدى ئار-نومۇسىمىز، مىلەندى چاڭ-تۇپراققا تېنىمىز.

[26] كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى.

زەبۇر — Chapters