Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا، ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا.

[2] «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، چۈنكى، كۆزۈڭ كۆرەر ئادىللىقنى.

[3] سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.

[4] ئەلا بىلىپ سېنىڭ تەلىملىرىڭنى، زوراۋانلارنىڭ يولىدىن تارتتىم ئۆزۈمنى، يۇقتۇرمىدىم يامانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى.

[5] ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ، شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ.

[6] ئى ئىگەم، ئىلتىجا قىلدىم ساڭا، جاۋاب بەرگەچكە سەن ماڭا. بېرىپ ماڭا دىققىتىڭنى، تىڭشىغىن سۆزلىرىمنى.

[7] ماڭا بەخش ئەتكىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئى ئۆزۈڭگە تايانغانلارنىڭ نىجاتكارى، ھۇجۇمغا قالغانلارنىڭ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىسى.

[8] كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى، مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن. قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى، قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.

[10] تاشتەك قاتتىقتۇر ئۇلارنىڭ باغىرلىرى، چوڭ سۆزلەيدۇ ھەم ئېغىزلىرى.

[11] پېيىمغا چۈشۈپ قورشاۋغا ئالدى مېنى، ئالماق بولۇپ ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى.

[12] ئۇلار ئوخشار بۆكتۈرمىدە تۇرغان ياش شىرلارغا، ئوۋغا ھېرىسمەن شىر كەبى ئولجىسىنى تالاشقا.

[13] ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.

[14] ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.

[15] ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.

زەبۇر — Chapters