Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ، ئۈنسىز تۇرما.

[2] ھاقارەت قىلماقتا رەزىللەر ماڭا، يالغانچى تىلىدا چاپلاپ قارا.

[3] نەپرەتلىك سۆزلىرى ئالدى مېنى قورشاۋغا، سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ماڭا.

[4] مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا.

[5] ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى، سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى.

[6] بىر رەزىل ئادەم ئەيىبلىسۇن ئۇنى سوتتا، دەۋاگەردىن بىرسى بولسۇن ئوڭ يېنىدا.

[7] ئەيىبكار بولۇپ چىقسۇن ئۇ سوراقتا، دۇئاسىمۇ گۇناھلىق بولسۇن ھەتتا.

[8] ئۆمرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئالسۇن.

[9] بالىلىرى يېتىم بولسۇن، خوتۇنى تۇل قالسۇن.

[10] ئوغۇللىرى غېرىبانە ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولسۇن، ياقا يۇرتلاردا رىزقىنى ئىزدەپ تىلەمچى بولسۇن.

[11] تارتىۋالسۇن جازانىخورلار مال-مۈلكىنى، بۇلىۋالسۇن ياتلار ھەممە بىساتلىرىنى.

[12] مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچكىم، كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمىسۇن بالىلىرىغا بىركىم.

[13] قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.

[14] ئەجدادلىرىنىڭ قەبىھلىكى يادىدا بولسۇن خۇدانىڭ، ئۇنتۇلمىسۇن گۇناھلىرى ھەم ئانىسىنىڭ.

[15] خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى، يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى.

[16] چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمەستىن باشقىلارغا، ئۆلتۈرمەك بولدى، بەلكى سېلىپ زۇلۇم ئېزىلگەن، دىلى سۇنۇق، يوقسۇللارغا.

[17] ئۇ خۇشتار ئىدى لەنەت ئوقۇشقا، شۇڭا لەنەت كەلسۇن ئۇنىڭ بېشىغا. رايى يوق ئىدى بەخت تىلەشكە، شۇڭا بەخت يىراق بولسۇن ئۇنىڭغا.

[18] ئۇ ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيىدۇ لەنەتلەرنى، لەنەتلىرى ئاققان سۇدەك كىرسۇن ئىچىگە، سىڭىپ كەتسۇن ماي كەبى سۆڭەكلىرىگە.

[19] لەنەتلىرى ئورىۋالسۇن ئۇنى تونىدەك، دائىم بېلىنى باغلىۋالسۇن بەلبېغىدەك.

[20] پەرۋەردىگار ئەنە شۇنداق جازالىسۇن شىكايەتتە بولغانلارنى، ئەدەپلىسۇن، يامان سۆزلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

[21] ئى رەببىم پەرۋەردىگار، نامىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ئەلا.

[22] چۈنكى مەن ھاجەتمەن، بىچارە، دەردىممۇ جىق ئىچىمدە.

[23] ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك، چەتكە قېقىلدىم قېقىۋېتىلگەن چېكەتكىدەك.

[24] روزا تۇتۇپ پۇتۇمنىڭ مادارى كەتتى، تېنىم جۈدەپ، ھارغىنلىق يەتتى.

[25] دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا، بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا.

[26] پەرۋەردىگار، ئى رەببىم ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت سەندە بولغاچقا.

[27] ئۇلار بىلسۇن بۇ ئىشنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى، ماڭا نىجاتكار بولغۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى.

[28] مەيلى ئۇلار ئوقۇۋەرسۇن لەنەت ماڭا، بىراق سەن ئاتا قىلىسەن بەخت ماڭا. ھۇجۇم قىلسا ئۇلار خىجالەتتە قالار، ئەمما مەنكى قۇلۇڭ شادلىققا تولار.

[29] رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى، تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى.

[30] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىمەن، ئۇنى ئاۋام ئىچىدە مەدھىيەلەيمەن.

[31] چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا.

زەبۇر — Chapters