[1] ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى. ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى.
[2] شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.
[3] ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار، خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار.
[4] خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ» دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.
[5] ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.
[6] ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى، ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى، لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى.
[7] ئى سىناي تېغىدا سۆزلىگەن خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، زېمىن تىترەپ، يامغۇر تۆكتى ئاسمان باغرىدىن، ئۆز قوۋمىڭنى چۆللەر ئارا باشلاپ ماڭغىنىڭدا.
[9] ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە، خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ. ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ.
[10] شەپقىتىڭگە نائىل بولغان بەندىلىرىڭ ماكان تۇتتى، ئېزىلگەن قوۋمىڭ سېنىڭ بەرىكىتىڭگە ئېرىشتى.
[11] پەرۋەردىگار غەلىبىسىنى جاكارلىدى، قىز-ئاياللار توپ بولۇپ، خۇش خەۋەرنى تارقاتتى:
[12] «پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.
[13] بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار، باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار، ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق، ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار.
[14] قادىر خۇدا يات شاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا، قار ياغقاندەك ھالەت پەيدا بولدى زالمون تېغىدا.
[15] ئەي ھەيۋەتلىك باشان تېغى، چوققىلىرىڭ شۇنچە كۆپ تېخى،
[16] ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى، نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن، خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _ خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟
[17] خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.
[18] رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.
[19] مەدھىيەلەر بولسۇن ئىگىمىزگە، ئۇ ھەر كۈنى ئېغىرچىلىقىمىزنى كۆتۈرمەكتە، پەرۋەردىگار نىجاتكاردۇر بىزگە. سېلاھ
[20] پەقەت بىزنىڭ رەببىمىز نىجاتكار خۇدا، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش قادىر ئىگەمنىڭ قولىدا.
[21] بەرھەق، خۇدا كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى، چاقار يامان يولدا مېڭىۋەرگەنلەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىق بېشىنى.
[22] پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن، ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن.
[23] شۇنىڭ بىلەن مىلىنىدۇ پۇتلىرىڭ قانغا _ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا، ئۇلاردىن ئالالايدۇ نېسىۋىسىنى ئىتلىرىڭمۇ.»
[24] ئى خۇدا، سېنىڭ زەپەر قەدەملىرىڭ كۆرۈنمەكتە، ئى خۇدا، مېنىڭ پادىشاھىم بولغان پەرۋەردىگارىم _ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقىنىڭ كۆرۈنمەكتە.
[25] ماڭماقتا ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە سازچىلار. ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار.
[26] جامائەتلەر ئارا ئالقىش-سادا ياڭرىتىڭلار خۇداغا، ئەي ئىسرائىللار، مەدھىيە ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
[27] ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا. باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى، شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى.
[28] ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى، ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى.
[29] كېلىپ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭغا، پادىشاھلار ئاتار ھەدىيەلەر ساڭا.
[30] تەنبىھ بەرگىن قومۇشلۇقتىكى ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا، بۇقىلار باشلاپ ماڭىدىغان موزايلار كەبى يات ئەللەرگە. يەرگە ئۇرغىن بىزدىن كۈمۈش-تەڭگە تەمە قىلغانلارنى، تارمار قىلغىن ھەم يات ئەللەردىكى ئۇرۇشخۇمارلارنى.
[31] مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر، ئېفىيوپىيە خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار.
[32] ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار، ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار، رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. سېلاھ
[33] قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان، قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان، ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار.
[34] جاكارلاڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، ئۇ يۈرگۈزەر ئىسرائىل ئۈستىدىن سەلتەنەتلىك ھوقۇقىنى، نامايان قىلار ئۇ ھەم سامادا كۈچ-قۇدرىتىنى.
[35] شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، ئۆز قوۋمىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار. مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا!