[1] كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
[2] ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا، تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا. دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ، تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ، بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ
[4] باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.
[5] شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.
[6] گۇمران بولدى شاھلىقلار، غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر. جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.
[7] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
[8] كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.
[9] توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.
[10] دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
[11] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ