Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر، شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر.

[2] سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.

[3] ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرار ئالدىدا، رەقىبلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتەر ھەرياندا.

[4] چاقمىقىنى چاقتۇرۇپ يورۇتار ئۇ جاھاننى، يەر-زېمىن تىترەپ كېتەر كۆرۈپ بۇنى.

[5] مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا، ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا.

[6] ئەرشلەر جاكارلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى، جىمى خەلقلەر كۆرەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى.

[7] شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».

[8] ئى پەرۋەردىگار، شادلاندى ئادالىتىڭدىن پۈتۈن يەھۇدىيە شەھەرلىرى، خۇشاللىققا چۆمدى سىئون ئاڭلاپ ھۆكۈملىرىڭنى.

[9] بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن، غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن.

[10] ئەي پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، ئۆچ كۆرۈڭلار يامانلىقنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جېنىنى، قۇتقۇزار رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇ سادىقلارنى.

[11] نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.

[12] ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇشاللىنىڭلار، مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.

زەبۇر — Chapters