Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر، ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر. ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر.

[2] ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن، بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن.

[3] ئەمما ئۇلار بۇزۇلغان بولۇپ پاسىق، ئازغۇچى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەس توغرا يولدا ماڭغۇچى.

[4] بىلمەسمۇ ئەجەبا خۇدانىڭ بارلىقىنى پاسىقلار؟! ئۇلار بۇلاپ خەلقىمنى، ناندەك ئېزىپ يەپ-يۇتار، ئەسلا دۇئا-تىلاۋەت قىلماس خۇداغا ئۇلار.

[5] باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە، ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە. چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى. سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى، چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى.

[6] ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا.

زەبۇر — Chapters