[1] سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى.
[2] تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.
[3] پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.
[4] بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا، چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا، يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا.
[5] ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.
[6] ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.
[7] شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا، پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.
[8] ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»
[9] زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى.
[10] يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.
[11] ئى پەرۋەردىگار، ئايىمىغىن مەندىن شەپقىتىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ھەقىقىتىڭ ساقلىغاي مېنى.
[12] چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى.
[13] ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى.
[14] جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.
[15] مىيىقىدا كۈلگەنلەر قىلىپ مېنى مەسخىرە، ئەندىشە ئىچىدە بولسۇن شەرمەندە.
[16] ساڭا تەلپۈنگۈچى بارلىق كىشىلەر، سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەر دائىم: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن!
[17] بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.