[1] بەختلىكتۇر غېرىبلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئۇنى.
[2] ھاياتىنى ساقلايدۇ، قوغداپ ئۇنى پەرۋەردىگار، خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايدۇ ئۇ بەختىيار، رەقىبلىرىنىڭ مەيلىگە تاشلىماس ئۇنى زىنھار.
[3] ساقسىز بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا، پەرۋەردىگار يۆلەك بولۇپ، قۇۋۋەت بېرەر ئۇنىڭغا، شىپالىق بېرەر كېسەل بولغان چاغلىرىدا.
[4] ئىلتىجا قىلدىم خۇداغا: ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىلىپ ماڭا، ساقايتقىن مېنى، گۇناھ قىلىپ، قارشى چىققان بولساممۇ ساڭا.
[5] رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»
[6] ئۇلاردىن بىرەرسى كېلىپ يېنىمغا، يالغان سۆزلەرنى ئېيتار ماڭا. كۆڭلىدە توپلاپ مەن ھەققىدە غەيۋەتنى، يېنىمدىن چىقىپلا يايار ئۇلارنى خالايىققا.
[7] مەن ھەققىدە پىچىرلىشار ماڭا ئۆچلەر، زىيانكەشلىك قەستىدە مۇنداق دېيىشەر:
[8] «يامان كېسەل چاپلىشىپتۇ ئۇنىڭغا، ياتقان ئورنىدىن تۇرالماس ئۇ ئەمدى ئەسلا.»
[9] ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.
[10] ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ماڭا شەپقىتىڭنى، تۇرغۇزغايسەن ئورنۇمدىن مېنى، شۇندا ئۇلاردىن ئالالايمەن ئەنتىمنى.
[11] غەلىبە قىلغۇزمىدىڭ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى، بىلدىم شۇنىڭدىن، مەندىن خۇش ئىكەنلىكىڭنى.
[12] دىيانەتلىك بولغىنىم ئۈچۈن يۆلەك بولىسەن ماڭا، مەڭگۈ تۇرغۇزىسەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا.
[13] مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا، مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن!