[1] نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار، ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.
[2] نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.
[3] ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا، يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ، چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.
[4] ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا، ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. سېلاھ
[5] ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ
[6] شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.
[7] ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ
[8] ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.
[9] ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.
[10] دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.
[11] ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار، ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار.