[1] ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى، زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى.
[2] يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە، جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە.
[3] زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ
[4] ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن، پۇتلىرىمنى ئامان قىلغىن زوراۋانلارنىڭ پۇتلىشىدىن.
[5] يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ
[6] پەرۋەردىگار «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم، قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا، ئى ئىلاھىم.
[7] ئى رەببىم پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك نىجاتكارىمسەن، جەڭلەردە قالقان بولۇپ بېشىمنى قوغدىغانسەن.
[8] ئى پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلمىغايسەن رەزىللەرنىڭ ئۈمىدىنى، ئەمەلگە ئاشۇرمىغايسەن ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى، بولمىسا ئۇلار چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ئۆزلىرىنى. سېلاھ
[9] تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ، يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ.
[10] قىپقىزىل چوغلار چۈشسۇن ئۇلار ئۈستىگە، تاشلىۋېتىلسۇن ئۇلار ئوتلار ئىچىگە، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭنىڭ تېگىگە.
[11] يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.
[12] بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.
[13] بەرھەق، ساڭا شۈكۈر ئېيتار ھەققانىيلار، ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ دۇرۇس يولدا ماڭغانلار.