Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.

[2] بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.

[3] خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ، قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ.

[4] بىر يەرگە يىغىپ قوشۇنلىرىنى پادىشاھلار، ماڭغانىدى جەڭ قىلماق بولۇپ ئۇلار.

[5] لېكىن، ئۇلار كۆرۈپلا شەھەرنى بولدى ئالاقزادە، ئارقىسىغا بەدەر قېچىشتى چۈشۈپ ۋەھىمىگە.

[6] تىترەك بېسىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، قىينالدى تولغاق يىگەن ئايال كەبى.

[7] ئى خۇدا، چىقىرىپ شەرق شامىلىڭنى، ۋەيران قىلدىڭ «تارشىشنىڭ كېمىلىرى» نى.

[8] قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _ خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا. خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە. سېلاھ

[9] ئى خۇدا، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە، چوڭقۇر ئويلاندۇق مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ھەققىدە.

[10] ساڭا بېغىشلانغان مەدھىيەلەر، ئى خۇدا، خۇددى نامىڭدەكلا تارالدى كەڭ جاھانغا.

[11] ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن، خۇش بولسۇن سىئون تېغى، شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى.

[12] ئەي خۇدانىڭ خەلقلىرى، زىيارەت قىلىڭلار يېرۇسالېمنى. ئايلىنىپ كۆرۈپ ئۇنى، ساناپ چىقىڭلار مۇنارلىرىنى.

[13] كۆزىتىپ چىقىڭلار سېپىللىرىنى، كۆزدىن كەچۈرۈڭلار قەلئەلىرىنى، بايان قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلارنى.

[14] بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە، ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.

زەبۇر — Chapters