Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.

[2] بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.

[3] پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.

[4] تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا، ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا.

[5] بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا، چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا، يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا.

زەبۇر — Chapters