[1] بىر چۈشەنچە ئايان بولدى قەلبىمگە، رەزىللەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ھەققىدە. خۇدادىن قورقۇش يوقتۇر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە.
[2] ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتار ئۇلار مەغرۇرلۇقتا، تونۇماس گۇناھلىرىنى ھەتتا، نەپرەتلەنمەس ئۇلاردىن ئەسلا.
[3] ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.
[4] رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى.
[5] ئى پەرۋەردىگار، مۇھەببىتىڭ ئەرش كەبى بۈيۈكلۈكتە، ۋاپادارلىقىڭ ئاسمان-پەلەك چەكسىزلىكىدە.
[6] ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا.
[7] بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا.
[8] قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن، بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن.
[9] چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن، كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن.
[10] ئايرىلمىغاي مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ سېنى تونۇغانلاردىن، ئايرىلمىغاي ئادالىتىڭ قەلبى پاكلاردىن.
[11] دەسسىمىسۇن مېنى تەكەببۇرلار، قوغلىمىسۇن مېنى رەزىللەر.
[12] قارا مانا، غۇلاپ چۈشتى يامانلىق قىلغۇچىلار، يىقىتىلدى، ئەمدى تۇرالماس ئۇلار.