Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.

[2] دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا: «ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.»

[3] ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.

[4] كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.

[5] پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.

[6] ئېسىل رىزىقلىرىڭ ماڭا تەقدىم قىلىنغاندۇر، سەن ئاتا قىلغان گۈزەل بەختىم بايلىقىمدۇر.

[7] ھەمدۇسانا ئېيتىمەن نەسىھەتچىم پەرۋەردىگارغا، كېچىدىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەر قەلبىم ماڭا.

[8] پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا، ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.

[9] شۇڭا روھىم شادلىقتا، خۇشاللىق بار قەلبىمدە، بىخەتەرلىك-ئامانلىق بەردىڭ مېنىڭ تېنىمگە.

[10] بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.

[11] كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.

زەبۇر — Chapters