[1] ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە، شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.
[2] بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى، يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى.
[3] قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _ كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،
[4] دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟ ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
[5] پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى، كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى.
[6] باشقۇرغۇزدۇڭ ئۇنىڭغا كۈللى جاھاننى، تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى.
[7] تىز پۈكەر قوي، كالا، ياۋايى ھايۋانلار،
[8] ئاسماندىكى ئۇچارقانات، دېڭىزدىكى بېلىقلار، شۇنداقلا دېڭىزدا ياشىغۇچى ھەممە جانلىقلار.
[9] ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، يەر يۈزىدە شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار.