[1] ئى خۇدا، پادىشاھقا ئاتا قىلغىن ئادالىتىڭنى، بەرگىن شاھنىڭ ئوغلىغا ھەققانىيىتىڭنى.
[2] ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي، ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي.
[3] تاغلار ئېلىپ كەلگەي خەلقلەرگە مەمۇرچىلىق، ئادالەتتىن ئېدىرلارمۇ بەرگەي باياشاتلىق.
[4] ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە، قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى.
[5] ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا، تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا.
[6] يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى، ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى، يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى.
[7] روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا، تىنچلىق بولغاي زېمىندا تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا.
[8] ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە، فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە.
[9] چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا، رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا.
[10] ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.
[11] بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭغا باش ئېگەر، خىزمىتىدە بولار بارچە خەلقلەر.
[12] ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، باشپاناھسىز ئاجىزلارنى، مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى.
[13] ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز، يوقسۇللارغا، پاناھ بولار ئۇ غېرىب پاناھسىزلارغا.
[14] ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى.
[15] ياشىسۇن پادىشاھ! ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي، دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي.
[16] ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.
[17] نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.
[18] تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر.
[19] مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن!
[20] (شۇنىڭ بىلەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى تامام بولدى.)