[1] پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە، قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە. ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ياردەم تىلىگەن سادايىمنى.
[3] ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟
[4] بىراق كەچۈرۈم بولغاچ سەندە، ساڭا ئىخلاس باردۇر بىزدە.
[5] كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە.
[6] سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ.
[7] ئەي ئىسرائىللار، ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت باردۇر ئۇنىڭدا، تەييار تۇرغاندۇر ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇشقا.
[8] پەقەت پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئىسرائىللارنى، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن خالاس قىلىپ ئۇلارنى.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150