Skip to content
Opens in a new window

[1] ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا، كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.

[2] دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ئى خۇدا، ھەممە ئىنسان كېلىدۇ سېنىڭ ئالدىڭغا.

[3] گۇناھلار بېسىۋالغان بولسىمۇ بىزنى، كەچۈرۈم قىلىسەن گۇناھلىرىمىزنى.

[4] نەقەدەر بەختلىكتۇر سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر، ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا، بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن، ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.

[5] ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.

[6] قۇدرەت بىلەن باغلاپ بېلىڭنى، كۈچۈڭ بىلەن تىكلىدىڭ تاغلارنى.

[7] تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.

[8] ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر، شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر.

[9] سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۇ بىلەن سۇغىرىپ ئۇنى بەكمۇ مۇنبەتلەشتۈردۈڭ زېمىنىڭنى. سۇغا تولدۇردۇڭ ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريالىرىڭنى، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە بەندىلىرىڭنى. سەن نېسىپ قىلدىڭ شۇنداق بولۇشنى.

[10] تولدۇرۇپ سۇغا چۆنەكلەرنى، تاراشلايسەن قىرلىرىنى. يامغۇر بىلەن يۇمشىتىپ يەرنى، ئۈندۈرىسەن ئۇندا مول زىرائەتلەرنى.

[11] مول ھوسۇلنى بېشىغا تاج قىلىپ تاقايسەن يىللارنىڭ، باي-باياشات، توق بولار يەتكەنلا جايلار قەدىمىڭ.

[12] قويۇق ۋە ئەلۋەك بولار دالادىكى ئوتلاقلار، تاغ-داۋانلارمۇ بېلىنى شادلىق كەمىرىدە باغلار.

[13] ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا، زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا. شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا.

زەبۇر — Chapters