Skip to content
Opens in a new window

[1] كۈلپەتتە قالغىنىڭدا پەرۋەردىگار جاۋاب بەرگەي نىدايىڭغا، ياقۇپنى يېتەكلىگەن خۇدا ساقلىغاي سېنى ئۆز پاناھىدا.

[2] ياردەم بەرگەي مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن، يۆلىگەي سېنى سىئوندىن.

[3] خۇدانىڭ يادىدا بولغاي ئاتىغان ھەدىيەلىرىڭ، قوبۇل قىلىنغاي ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ. سېلاھ

[4] ئەمەلگە ئاشۇرغاي ئارمانلىرىڭنى، ئىجابەت قىلغاي كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىرىڭنى.

[5] ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا، تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا. ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا.

[6] بىلدىمكى، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى قۇتقۇزار خۇدا، مۇقەددەس ئەرشئەلادىن جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا، زور غەلىبە ئاتا قىلار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىدا.

[7] بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.

[8] يىقىلدى ئۇلار ھالاك بولۇپ، قەددىمىزنى رۇسلىدۇق بىز تىك تۇرۇپ.

[9] ئى پەرۋەردىگار، غەلىبە ئاتا قىلغىن پادىشاھقا، جاۋاب بەرگەيسەن ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا.

زەبۇر — Chapters