[1] بەرھەق! مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا، مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا.
[2] رەزىل ۋە ھاكاۋۇرلارنىڭ روناق تاپقىنىنى كۆرگىنىمدە، ھەسەت قىلدىم ئۇلارغا. كالۋالىشىپ پۇتلىرىم، پۇتلىشىپ يىقىلاي دېدىم شۇڭا.
[4] تاكى ئۆلگۈچە ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار، تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار.
[5] ئۇلار باشقىلاردەك دەرد تارتماس، ھەم بالايىئاپەتكە قالماس.
[6] كىبىرلىك بوينىدىكى مارجىنىدۇر، زوراۋانلىق ئورۇنۇۋالغان تونلىرىدۇر.
[7] كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان، قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان.
[8] مەسخىرە قىلار، زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار. مەغرۇرلىنىپ، «زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار.
[9] ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى، قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى.
[10] شۇڭا خەلق ئۇلارغا بەك يۈزلىنەر، سۇدەك ئىچىپ سۆزلىرىنى يامانلىققا كىرىشەر.
[11] دەر رەزىللەر: «ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟ بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟»
[12] يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار، ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار.
[13] قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟ گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟
[14] نېمە ئۈچۈن كۈنبويى ئازابتىمەن، نېمە ئۈچۈن ھەر سەھەردە جازادىمەن.
[15] ئەگەر مەن شۇنداق ئويدا بولسام ئىدىم، خەلقىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولار ئىدىم.
[16] مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا.
[17] خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرشىمگە چۈشەندىم، نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە.
[18] ئى خۇدا، دەرۋەقە، تېيىلغاق يەرلەرگە قويىسەن ئۇلارنى، تېيىلىپ پارە-پارە بولار ئۇلار ئاخىرى.
[19] ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار، ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار.
[20] ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.
[21] ئىچىم ئېچىشار، يۈرىكىم سانجىلىپ ئاغرار.
[22] چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.
[23] ئەمما مەن ھەمىشە سېغىنىمەن سېنى، ئى خۇدا ئوڭ قولۇمدىن تۇتتۇڭ مېنى.
[24] بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر، ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر.
[25] سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە، سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە.
[26] تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.
[27] شۈبھىسىزكى، ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار، يوق قىلىسەن ئۇلارنى، يوقىلىدۇ ساڭا ۋاپاسىز بولغانلار.
[28] شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.