Skip to content
Opens in a new window

[1] نەقەدەر ئەزىزدۇر ئۇچرىشىش جايىڭ، ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار.

[2] سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.

[3] ماڭا شاھ بولغان ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا، ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا، قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا.

[4] نەقەدەر بەختلىك ئىبادەتخاناڭدا بولغانلار، توختىماستىن ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقانلار. سېلاھ

[5] نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار، قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.

[6] يىغا-زار قاپلىغان قۇرغاق جىلغىدىن ئۆتكەندە ئۇلار، ئۇ يەرنى بۇلاقلىق ماكانغا ئايلاندۇرار، ئۇ يەر كۈز يامغۇرلىرى بىلەن بەرىكەتلىنەر.

[7] ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.

[8] ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇلاق سالغىن دۇئالىرىمغا. تىڭشىغىن ئىلتىجايىمنى، ئى ياقۇپنى تاللىغان خۇدا. سېلاھ

[9] ئىلاھىم، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا، نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا.

[10] بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.

[11] بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.

[12] ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.

زەبۇر — Chapters