[1] ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلايمەن سېنى، ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزدۇڭ مېنى. مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكە قويمىدىڭ دۈشمەنلىرىمنى.
[2] ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، نالە قىلسام ساڭا، شىپالىق بەردىڭ ماڭا.
[3] ئۆلۈكلەر ماكانىدىن نېرى قىلدىڭ جېنىمنى، گۆرگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىدىڭ مېنى.
[4] ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا.
[5] ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.
[6] مەغرۇرلىنىپ دېدىم مەن روناق تاپقان چېغىمدا: «تەۋرەنمەسمەن ئەسلا.»
[7] ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ ماڭا شاپائىتىڭنى، تاغدەك بۈيۈك قىلدىڭ مېنى. ئەمما بولدۇم ئالاقزادە، قاچۇرغىنىڭدا دىدارىڭنى.
[8] ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىپ ساڭا، رەھىم تىلەپ دېدىمكى ئىگەم ساڭا:
[9] ئۆمرۈم تۈگەپ، كەتسەم ئۆلۈكلەر ماكانىغا، نېمە پايدام تىگەر ساڭا؟ جەسىتىم جاكارلاپ سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭنى، ئوقۇيالارمۇ مەدھىيە ساڭا؟
[10] ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن شەپقىتىڭنى قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، ئى پەرۋەردىگار، مەدەتكار بولغىن ماڭا.
[11] ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى، سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى، باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.
[12] شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا، ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا.