Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.

[2] ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.

[3] خۇدا ئۇلۇغ، ھەسسىلەپ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.

[4] ئەۋلادلاردىن-ئەۋلادقا قالار ياخشى ئىشلىرىڭ، تەرىپلىنەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قۇدرىتىڭ.

[5] تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە، چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە.

[6] داستان بولۇپ تارالغان كاتتا ئىشلىرىڭ تىللاردا، مەنمۇ بايان ئەيلەيمەن ئۇلۇغلۇقىڭنى دائىما.

[7] ئۇلار ئەسلەپ، سۆزلىشەر شەپقىتىڭنى بەس-بەستە، ئادالىتىڭنى كۈيلىشەر ناخشا ئوقۇپ ھەۋەستە.

[8] خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

[9] پەرۋەردىگار ھەممىگە ئىلتىپات قىلار، بارلىق يارتقانلىرىغا رەھىمدىل بولار.

[10] ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۇلار شۈكۈر ئېيتار، ساڭا سادىق بەندىلىرىڭ مەدھىيە ئوقار.

[11] ئۇلۇغۋار ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەققىدە ئۇلار سۆزلەر، بۈيۈك قۇدرىتىڭنى ھەممە ئىنسانغا بايان ئەيلەر.

[12] جاھان ئەھلىنى ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ بىلەن ئۇلار خەۋەردار قىلار، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك سەلتەنەتىنى مەلۇم قىلار.

[13] پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

[14] پەرۋەردىگار يۆلەر يىقىلغانلارنى، رۇسلار ئىگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

[15] ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا، بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا.

[16] جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىسەن، ئۇلارغا قولى ئوچۇق سېخىيدۇرسەن.

[17] پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

[18] پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر.

[19] ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.

[20] قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى.

[21] ھەمدۇسانالار چۈشمەس مېنىڭ ئېغىزىمدىن پەرۋەردىگارغا، پۈتكۈل جانلىقلار مەڭگۈ مەدھىيە ئوقۇسۇن مۇقەددەس نامىغا.

زەبۇر — Chapters