Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.

[2] خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا، چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا. ‏ «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»، دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا.

[3] دەرۋەقە پەرۋەردىگار زور ياخشىلىق قىلدى بىزگە، شاد-خۇراملىق تولدى بىزنىڭ قەلبىمىزگە.

[4] روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار، توساتتىن سۇغا تولغاندەك جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار.

[5] يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار.

[6] دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇرۇق خالتىسىنى، يىغا بىلەن كەتكەن كىشى، قايتىپ كېلەر ناخشا بىلەن، ئورىغان باغلاملىرىنى كۆتۈرگەن پېتى.

زەبۇر — Chapters