[1] ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا، ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا.
[2] ماڭا سادىق مەدەتكار، قورغىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، نىجاتكارىم، مۇستەھكەم قەلئەيىم ئۇ مېنىڭ. قالقىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا، بويسۇندۇرار ئۇ دائىم خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.
[3] ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك، ئادەم بالىسى نېمىدى سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
[4] ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا.
[5] كۆكنى يېرىپ چۈشكىن ئى خۇدا، ئىس-تۈتەكلەر چىقارغىن تاغلار ئارا.
[6] چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى، تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى.
[7] ئۇزىتىپ قولۇڭنى سەن كۆك باغرىدىن، تارتىۋالغىن مېنى خۇدا قاينام دەريا-سۇلاردىن، قۇتقۇزغىن ھەم مېنى ياتلار چاڭگىلىدىن.
[8] ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.
[9] ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا، كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا.
[10] سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن، بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن.
[11] ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىل مېنى، ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.
[12] ئوغۇللىرىمىز ئوخشىغاي ياخشى ئۆسكەن كۆچەتلەرگە، قىزلىرىمىز ئوردا تۈۋرۈكلىرىدىكى نەپىس نەقىشلەرگە.
[13] ئامبارلىرىمىز لىق تولغاي ئاشلىقلارغا، قويلىرىمىز سان-ساناقسىز كۆپەيگەي يايلاقلاردا.
[14] كۆپ بولغاي ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى، ئەسىرگە چۈشمىگەي خەلقىمىزدىن ھېچبىرى. بۇزۇپ ئۆتەلمىگەي ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى، ئاڭلانمىغاي كوچىلاردىن زارلىنىش ئاۋازلىرى.
[15] نەقەدەر بەختلىكتۇر، بۇنداق تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىنسانلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر، ئىگىسى پەرۋەردىگار بولغان قوۋملار!