Skip to content
Opens in a new window

[1] نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.

[2] تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.

[3] ئەۋزەل كۆرىسەن ياخشىلىقتىن يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشتىن يالغانچىلىقنى. سېلاھ

[4] ئامراقسەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان يالغان سۆزلەرگە، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى يوقىتىدۇ مەڭگۈگە. تۇتۇۋېلىپ ئۇ سېنى تارتىپ چىقار ئۆيۈڭدىن، يىلتىزىڭنى يۇلۇپ تاشلار بۇ پانىي ئالەمدىن. سېلاھ

[6] بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار، ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار:

[7] «قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»

[8] مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.

[9] شاپائەتلىك بولغاچ خۇدا، ئۈمىد باغلايمەن ساڭا، تەقۋادار خەلقىڭ ئارىسىدا مەڭگۈ شۈكۈر ئېيتىمەن قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭغا.

زەبۇر — Chapters