Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار.

[2] كۈچلۈك بولار زېمىندا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭغانلىرى.

[3] ئۆيلىرى بايلىققا تولۇپ، دۆلەتمەن بولار، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈك بولار.

[4] قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا.

[5] ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.

[6] ھەققانىيلار ئەبەدىي مەغلۇپ بولماس، ھەققانىيلار مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس.

[7] قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا، كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا.

[8] ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.

[9] سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.

[10] بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.

زەبۇر — Chapters