Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا، كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا، ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا.

[2] قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،

[3] پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا، پوستا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا.

[4] رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى، يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى. قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى، يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى.

[5] مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.

[6] خۇددى قېزىلىپ چىققان تاشلاردەك سوقا يەرنى ئاغدۇرغاندا، ئۇستىخانلىرى چېچىلىپ ياتار گۆر ئالدىدا. تاشلىۋېتىلسە يارلاردىن ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى، ھەقىقەت بولغاچ سۆزۈم قالغانلار چۈشىنەر ئۇنى.

[8] لېكىن، ئىگەم پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ قارايمەن ساڭا، سەندىن پاناھ ئىزدەيمەن، مېنى پاناھسىز قالدۇرما.

[9] ساقلا مېنى ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرغان قىلتاقلىرىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن.

[10] رەزىللەر چۈشسۇن ئۆزى قۇرغان تۇزاققا، مەن ئۆتۈپ كېتەي ئۇ خەتەردىن دائىما.

زەبۇر — Chapters