[1] ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، ئىگىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرىدىغانلار، مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.
[3] مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار. كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار.
[4] پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.
[5] بىلىمەن، بەرھەق پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، رەببىمىز غەيرىي ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.
[6] ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا.
[7] ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.
[8] ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى، يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى.
[9] ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى، جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى.
[10] ۋەيران قىلدى ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى، ئۆلتۈردى قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى.
[11] ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى.
[12] ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئاتا قىلدى ئۇلارنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا.
[13] ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ.
[14] خۇدا «گۇناھسىز» دەپ جاكارلار ئۆز قوۋمىنى، كۆرسىتەر ئۇنىڭ قۇللىرىغا ئۆز رەھىمىنى.
[15] ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۇر يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرى، ياسىغاندۇر ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ قوللىرى.
[16] ئۇلارنىڭ ئاغزى بار سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى بار كۆرەلمەس.
[17] قۇلاقلىرى بار ئاڭلىماس، ئاغزىدا يوقتۇر نەپەس.
[18] بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.
[19] ئەي ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ئەي ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
[20] ئەي لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.
[21] پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا، ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.