[1] كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا، قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا.
[2] پەرۋەردىگارلا قىلار ياردەمنى، ئۇ ياراتقاندۇر ئاسمان-زېمىننى.
[3] ساقلار ئۇ تېيىلىشتىن پۇتلىرىڭنى، سەگەك تۇرۇپ قوغدايدۇ سېنى.
[4] بىلگىنكى، قوغدىغۇچى ئىسرائىللارنى، ئۇخلىماس، تەرك ئەتكەندۇر ئۇيقۇنى.
[5] قوغدىغۇچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئوڭ يېنىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرار.
[6] زەرەر يەتكۈزەلمەس ساڭا زىنھار، ئاي ۋە قۇياش، كېچە ۋە كۈندۈز.
[7] يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.
[8] نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا، بۈگۈندىن تائەبەدكىچە ئالار سېنى ئۆز پاناھىغا.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150