Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا! شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا، ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا.

[2] لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.

[3] ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا، جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى، ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا.

[4] شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.

[5] ئورنىتىپسەن يەرنى شۇنچە مۇكەممەل ئۇ ئۇلىدىن ھېچبىر زامان تەۋرەنمەس.

[6] دېڭىز يەرنى لىباس كەبى ئورىغان، چوققىلارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانتى. گۈلدۈرماماڭ ئەيمەندۇرگەچ سۇلارنى، سۇلار تېزدىن ئۆز ئورنىغا يانغانتى.

[8] تاغلار كۆرۈنۈپ، ۋادىلارمۇ ئايان بولدى، سۇلار ھەم سەن بۇيرۇغان يەرگە كېلىپ جايلاشتى.

[9] دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى، سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى.

[10] سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ، تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى. سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار، قانار ئىدى ھەتتاكى ياۋا ئېشەكنىڭ تەشنالىقى.

[12] سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ، دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ.

[13] ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى.

[14] چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ، ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ، ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ.

[15] كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.

[16] لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى، خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى.

[17] ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار، ئارچا دەرەخلىرى لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار.

[18] تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار، تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار.

[19] ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ، قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ.

[20] قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ، ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ.

[21] ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۇۋلىشار، رىزىقلىرىنى ئۇلار، خۇدا سەندىن سورار.

[22] قۇياش چىقسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىغا قايتار، قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىدا ئارام ئالار.

[23] ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار، ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار.

[24] پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر. سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.

[25] ئەنە ئالدىڭدا بىپايان دېڭىز ياتار، ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز جانلىق ياشار، ھەم ئۇلارنىڭ چوڭى ۋە كىچىكى باردۇر.

[26] ئۇندا يەنە سەن ياراتقان لىۋياتان بار، ئۈستىدە ئۇنىڭ قېيىق بىلەن كېمە قاتنار.

[27] ئۇلار سەندىن رىزقى ئۈچۈن ئوزۇق كۈتەر، ئوزۇق ئۈچۈن جامالىڭغا تەلمۈرەر.

[28] ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار، شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار.

[29] دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.

[30] سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار، پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار.

[31] پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي، پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.

[32] پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر، تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.

[33] ناۋادا جېنىم تەندە بولسىلا مەدھىيە ئوقۇيمەن خۇدايىمغا، مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ئۇنىڭغا.

[34] ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،

[35] گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي، رەزىللەر زاۋال تاپقاي. ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.

زەبۇر — Chapters