[1] نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟ نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟
[2] سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
[3] دەيدۇ ئۇلار: «ئۈزۈپ تاشلاپ ئۇلار سالغان كىشەنلەرنى، چۆرۈۋېتەيلى بوينىمىزدىكى سىرتماقلارنى.»
[4] مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە، پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە.
[5] ئەيىبلەر ئۇلارنى غەزەپ بىلەن، ۋەھىمىگە سالار قەھرى بىلەن.
[6] دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»
[7] ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.
[8] سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى، تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.
[9] تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى، ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.»
[10] ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى، ئەي پادىشاھلار، ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار.
[11] پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار، شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.
[12] ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.