Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى خۇدا، قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى، قۇدرىتىڭدە قوغدىغىن مېنى.

[2] ئى خۇدا، ئاڭلىغىن دۇئالىرىمنى، تىڭشىغىن مۇناجات-نىدالىرىمنى.

[3] زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا، ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا. ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا.

[4] ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا، ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا.

[5] بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا، ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا.

[6] ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى، بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى.

[7] شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى.

زەبۇر — Chapters