[1] ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا، ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا. ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب، قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ.
[2] مۇقەددەس جايىڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى، كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى، ئاڭلىغىن، ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى.
[3] يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا.
[4] جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ.
[5] پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار رەزىللەرنى، ئەسلىگە كەلتۈرمەس قايتىدىن ئۇلارنى. چۈنكى ئۇلار كۆزگە ئىلماس خۇدانىڭ ئەجرىنى، پىسەنتىگە ئالماس ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى.
[6] ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن پەرۋەردىگارغا، قۇلاق سالدى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجايىمغا.
[7] قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا.
[8] كۈچ-قۇدرىتىدۇر پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ، نىجاتلىق قورغىنىدۇر ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ.
[9] ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغايسەن ئۆز خەلقىڭنى، بەرىكەتلىك قىلغايسەن ئۆزۈڭگە تەۋە بولغانلارنى، چوپانى بولۇپ باققايسەن مەڭگۈ ئۇلارنى.