Skip to content
Opens in a new window

[1] خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە، نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە.

[2] تۇرار جايى سىئوندىدۇر، مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر.

[3] ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى، چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى. سېلاھ

[4] ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار، ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.

[5] دۈشمىنىڭنىڭ باتۇرلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغاندا، قول كۆرتۈرەلمىدى ھەتتا بىرمۇ پالۋىنى، تامام مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى ھەممىسى.

[6] گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا، ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا.

[7] قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟

[8] ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭدا، يەر-زېمىننى باستى قورقۇنچ سۈكىناتى، ئى خۇدا. جاكارلىدىڭ ئەرشئەلادا تۇرۇپ بۈيۈك ھۆكۈمۈڭنى، قۇتقۇزماق بولۇپ جاھاندىكى بارلىق ئېزىلگەنلەرنى. سېلاھ

[10] خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.

[11] ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا، سوۋغا كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا.

[12] ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار، قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار.

زەبۇر — Chapters