[1] ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، تاپىمەن پاناھ سەندىن، خالاس قىلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغايسەن مېنى قوغلاپ يۈرگەنلەردىن.
[2] بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.
[3] ئى پەرۋەردىگارىم، قىلغان بولسام بىرەر يامانلىقنى، بۇلغىغان بولسام ناھەق ئىشلار بىلەن قوللىرىمنى،
[4] قىلغان بولسام دوستۇمغا يامانلىقنى، سەۋەبسىز بۇلىغان بولسام دۈشمىنىمنى،
[5] دۈشمىنىم تۇتۇۋالسۇن قوغلاپ مېنى، جېنىمنى ئالسۇن ئۇلار چەيلەپ تېنىمنى، يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن ئىززىتىمنى. سېلاھ
[6] ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما، قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا، مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا، سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا.
[7] سوت ئاچماق ئۈچۈن ئولتۇرغىن بۈيۈك ئورنۇڭدا، ھەممە خەلقلەر توپلاشسۇن ئەتراپىڭغا.
[8] پەرۋەردىگار سوت ئاچار خەلقلەرگە، ئى پەرۋەردىگار قىلغايسەن ھۆكۈم لايىق ھالدا ھەققانىي، دىيانىتىمگە.
[9] ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى، تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى، ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى.
[10] قالقىنىمدۇر خۇدا، نىجاتكار بولۇر قەلبى پاكلارغا.
[11] ئادىل سوتچىدۇر خۇدا، نەپرەتلىنەر رەزىللەردىن دائىما.
[12] ئەگەر تاشلىمىسا ئىنسان يامان يولىنى، بىلەپ ئۇ قىلىچىنى، بەتلەپ قۇيار يا ئوقىنى.
[13] ئۇ تەييارلاپ قويغاندۇر ئەجەللىك قوراللارنى، بەتلەپ قويغاندۇر يايىنىڭ ئوتلۇق ئوقىنى.
[14] رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلدار بولار، قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار، تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار.
[15] كىم كولىسا باشقىلار ئۈچۈن ئورا، يىقىلىپ چۈشەر ئۆزى ئۇنىڭغا.
[16] كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.
[17] تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا.