Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

[2] خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

[3] ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

[4] تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

[5] ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.

[6] ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىبراھىمنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.

[7] ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

[8] ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداغقىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

[9] پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

[10] ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

[11] «كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن، ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»

[12] ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

[13] ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

[14] خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

[15] «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

[16] ئاچارچىلىق بەردى خۇدا كەنئانغا، زار قىلدى ئۇلارنى ئاش-نانغا.

[17] خۇدا ئۇلارنى دەپ ئالدىنئالا يۈسۈپنى مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى، ئاكىلىرى ئۇنى قۇل قىلىپ ساتقانىدى.

[18] ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە زەخىملەنگەنىدى، بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىنغانىدى.

[19] ئۇ تاۋلاندى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگۈچە، خۇدا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرسەتكەنلىرى ئىسپاتلانغۇچە.

[20] ئۇنى ئازاد قىلىشقا پىرئەۋن ئەمر قىلدى، ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەردى.

[21] پىرئەۋن ئۇنى ئوردىسىغا غوجىدار قىلدى، بارلىق مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى.

[22] بەردى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ۋەزىرلىرىنى، دانالىق ئۆگىنىشكە تاپشۇردى ئاقساقاللىرىنى.

[23] شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى، ھامنىڭ زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى.

[24] ئۇلارنى كۆپ نەسىللىك قىلدى پەرۋەردىگار، ھەم دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك بولدى ئۇلار.

[25] شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار، ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار.

[26] ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.

[27] خۇدانىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلدى ئۇلار مىسىردا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى ھام زېمىنىدا.

[28] زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.

[29] قان قىلدى خۇدا مىسىرنىڭ سۇلىرىنى، ئۆلتۈرۈۋەتتى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرىنى.

[30] پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى، قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى.

[31] خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قاپلىدى غۇژ-غۇژ چىۋىنلار، ھەممە يەرنى باستى غىڭ-غىڭ پاشىلار.

[32] يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى، مىسىرنى چاقماق ئۇردى.

[33] نابۇت بولدى ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تاللىرى، ۋەيران بولدى دەرەخلەرنىڭ بارلىقى.

[34] خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر، مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.

[35] قويمىدى ئۇلار بارلىق گىياھلارنى، يەپ تۈگەتتى ئېتىزلاردا ھوسۇللارنى.

[36] ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.

[37] ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى.

[38] ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.

[39] پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.

[40] ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى، توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى.

[41] تاشنى يېرىپ ئارىلىقلىرىدىن سۇ چىقاردى، قاقاس چۆلدە ئېقىن-دەريا پەيدا قىلدى.

[42] بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى، قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى.

[43] ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ، ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېتىپ.

[44] يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،

[45] شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا، بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!

زەبۇر — Chapters