Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار، سەنلا باشپاناھدۇرسەن ماڭا، مېنى يەرگە قاراتمىغىن قىلىپ رەسۋا.

[2] قۇتقۇزغىن مېنى ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا، قۇتۇلدۇر مېنى قۇلاق سېلىپ ئاھلىرىمغا.

[3] قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا، سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى، ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا.

[4] ئىگەم مېنى ئازاد قىلغىن رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ئادالەتسىز، رەھىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئالىقىنىدىن.

[5] ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم.

[6] ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم.

[7] كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن نەمۇنە مەن، چۈنكى سەن قۇدرەتلىك پاناھىمدۇرسەن.

[8] ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار، چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار.

[9] تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا، تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا.

[10] چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ، جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ،

[11] دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى، قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.»

[12] مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا، ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا.

[13] مېنى قارىلىغۇچىلار شەرمەندە بولۇپ يوق بولسۇن، ماڭا قەست ئويلىغانلار رەسۋا بولۇپ جاق تويسۇن.

[14] بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار، ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار.

[15] ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ، ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ.

[16] لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا، مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى رەببىم خۇدا، جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا.

[17] ئى خۇدايىم، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن، كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن.

[18] قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم، تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم. بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى، سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە، سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى.

[19] ئۇلۇغ كارامەتلەرنى قىلغان تەڭداشسىز خۇدا، تاقىشار ئادالىتىڭ ئاسمان-پەلەككە، كىممۇ قىلالار بۇنداق ئىشنى ئوخشاش ساڭا.

[20] ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.

[21] تېخىمۇ بەك ئۈستۈن قىلىسەن ھۆرمىتىمنى، يېنىمغا كېلىپ ماڭا بېرىسەن تەسەللى.

[22] ئىلاھىم كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا، ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا، ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا.

[23] سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم، شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم.

[24] تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى، چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى.

زەبۇر — Chapters