Skip to content
Opens in a new window

[1] ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا، شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا.

[2] ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى، بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى.

[3] پەرۋەردىگارنىڭ ئەجرى ھەيۋەت، شەرەپلىكتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلۇر.

[4] مۆجىزىلىرىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالار، رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار.

[5] خۇدا بېرەر ئىخلاسمەنلىرىنىڭ رىزقىنى، تائەبەد ئېسىدە تۇتار ئۆز ئەھدىسىنى.

[6] پەرۋەردىگار كۆرسەتتى ئۆز قوۋمىغا قۇدرىتىنى، ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ياتلارنىڭ زېمىنىنى.

[7] ئۇ ئادىل، ۋاپادار ھەربىر ئىشىدا، ئىشەنچ باردۇر يوليورۇقلىرىدا.

[8] داۋاملىشار ئۇلار مەڭگۈ، تائەبەدكە، ئورۇندىلار ئۇلار دۇرۇس، ساداقەتلىكتە.

[9] مۇقەددەس، سۈرلۈكتۇر خۇدا! قۇتۇلۇش بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئەھدىسىنى بېكىتتى ھەم مەڭگۈگە.

[10] دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.

زەبۇر — Chapters