Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، ساڭا سېغىنىپ ئوقۇيمەن دۇئا.

[2] ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.

[3] شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.

[4] ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا ئۇنىڭدا قانداق مېڭىشنى.

[5] تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.

[6] ئى پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن رەھىمىڭنى، ئەزەلدىن كۆرسەتكەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

[7] ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى، كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى.

[8] شاپائەتلىك، ئادىلدۇر پەرۋەردىگار، شۇڭا توغرا يولغا باشلىنار گۇناھكارلار.

[9] كەمتەرلەرنى يېتەكلەر دۇرۇس يولغا، ئۆز يولىنى ئۆگىتەر كىچىك پېئىللارغا.

[10] توغرا يولغا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن باشلار، ئەھدىسى ۋە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگار.

[11] ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ئۆز نامىڭنىڭ ھۆرمىتىنى، گۇناھلىرىم كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن مېنى.

[12] ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.

[13] بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشار ئۇ كىشى، زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى.

[14] خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.

[15] تىكىمەن دائىم پەرۋەردىگارغا كۆزلىرىمنى، تۇزاقتىن ئۇ تارتىپ ئالار پۇتلىرىمنى.

[16] ھالىمغا باق ئى ئىگەم ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا، يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا.

[17] دەرد-ئەلەملەر باسماقتا يۈرىكىمنى، شۇ دەردلەردىن قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى.

[18] نەزىرىڭدىن ئۆتكۈزگىن ئازاب ۋە دەردلىرىمنى، كەچۈرگىن ئۆزۈڭ بارلىق گۇناھلىرىمنى.

[19] دۈشمەنلىرىم نەقەدەر كۆپتۇر، قارا، ۋەھشىيلەرچە ئۆچ بولماقتا ئۇلار ماڭا.

[20] قۇتقۇز ھەم قوغدىغىن ھاياتىمنى، شەرمەندە قىلما مېنى، باشپاناھىم بىلىمەن پەقەت سېنى.

[21] دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.

[22] ئى خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزغىن ئىسرائىللارنى.

زەبۇر — Chapters